شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئامېرىكىغا يۈرۈپ كەتتى

2023.11.16 09:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكوغا يۈرۈپ كەتتى.

  شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ