شى جىنپىڭ 2023 ئىككى قىرغاق كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.11.16 09:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەبرىك خەت

  ئىككى قىرغاق كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، مەن قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، باشلىقلار يىغىنىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  ئىككى قىرغاق ئىقتىسادى ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادىغا تەۋە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىككى قىرغاق كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنى ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىلار ھەم سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم سۇپا بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ كارخانا ساھەسى، سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەرنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادىنى زورايتىش، قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىچىلارنىڭ مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىل 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 2023 ئىككى قىرغاق كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاق ئىقتىسادى ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادىغا تەۋە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىككى قىرغاق كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنى ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىلار ھەم سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم سۇپا بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ كارخانا ساھەسى، سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەرنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادىنى زورايتىش، قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىچىلارنىڭ مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2023 ئىككى قىرغاق كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىن «يېڭى ئەندىزىدىكى يۇغۇرما تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جياڭسۇ نەنجىڭدا ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ