شى جىنپىڭ سەنشى لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىدىكى بىر ئىشخانا بىناسىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2023.11.17 14:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 7 لەردە، سەنشى لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىدىكى بىر ئىشخانا بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈزبەردى. ھازىرغىچە، ۋەقەدە 26 كىشى ئۆلدى، 38 كىشى يارىلاندى.

  ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بەردى: سەنشى لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىدىكى بىر ئىشخانا بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر! يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ئۆلگەن - يارىلانغانلار ھەم ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى، تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سەۋەبىنى تېز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ۋەقەسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىش پەسلىدە ئوت ئاپىتى ۋەقەسى ئاسان يۈزبېرىش، كۆپ يۈزبېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئالاقىدار كېيىنكى خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ پۇختا ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. سەنشى ئۆلكىسى، لۈلياڭ شەھىرى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشكە كۈچ تەشكىللىدى. نۆۋەتتە، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ