شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى

2023.11.17 14:40

  شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكودا ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن دوستانە تەشكىلاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقارغان ئامېرىكىلىق دوستلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى! دوستانە ئامېرىكا خەلقىگە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىنى خەلق سالغان. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن ئورتاق جەڭ قىلدى. جۇڭگو خەلقى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئامېرىكا خەلقىمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى جان تىكىپ قۇتقۇزغان جۇڭگو خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ قان بىلەن ئوتتا تاۋلانغان دوستلۇقى چوقۇم ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسىنى خەلق ئاچقان. ئىككى دۆلەت ئىلگىرى 22 يىل ئالاقە قىلماي قارشىلاشتى، ئورتاق مەنپەئەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ئىختىلاپتىن ھالقىتتى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئىككى دۆلەت قېلىن مۇزنى يېرىپ تاشلىدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشتات باشلىقى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھېكايىلىرىنى خەلق پۈتكەن. ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە تارىخىي مەدەنىيىتى، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن خەلقلىرى ئاق كۆڭۈل، دوستانە، ئىشچان، ئەمەلىيەتچىل، ھەممىسى ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ئائىلىسىنى سۆيىدۇ، تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، ھەممىسى بىر - بىرىنى ياقتۇرىدۇ ۋە بىر - بىرىگە قىزىقىدۇ. دەل خەلق ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئوڭۇشسىزلىقتىن توغرا يولغا قايتا - قايتا باشلىدى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلسىلا قايتا تاقىلىپ قالمايدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى خەلق يارىتىدۇ. قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، خەلقنىڭ رىشتىنى چىڭىتىشقا، كىشىلەرنىڭ قەلب ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە شۇنچە توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مەدەت بېرىشىگە ۋە كۈچ قوشۇشىغا شۇنچە توغرا كېلىدۇ. بىز خەلقلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆۋرۈك سېلىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ يول ياسىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بولغان خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قولايلاشتۇرىدىغان، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرنى يولغا قويىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆپرەك يوقلىشىپ، كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىشىپ، كۆپرەك ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسىنى ئورتاق يېزىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز خىرىس ۋە ئۆزگىرىشكە تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، شۇنداقلا يەنە ئۈمىدكە تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. دۇنيانىڭ كەلگۈسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ياخشى ئالاقىنى يولغا قويۇپ، چوڭ دۆلەت ئەندىزىسىنى نامايان قىلىشى، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشى، چوڭ دۆلەت رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كىشىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشىدىكى ئاساسىي ئەدەپ - قائىدە، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشىدىكى ئەقەللىي مىزان. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە دېموكراتىيە تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تۇتقان ئىككى يول ئوخشىمايدۇ، لېكىن ھەممىسى خەلقنىڭ تاللىشى، ھەممىسى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك.

  تىنچ بىللە تۇرۇش خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت جەزمەن ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك. تىنچلىق، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرغان جۇڭگونى تەھدىت دەپ قاراپ، بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان، بىرى گۈللىنىپ، بىرى خارابلىشىدىغان نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بىلەن شۇغۇللىنىش يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتكەنلىك. جۇڭگو ئەزەلدىن ئامېرىكا ئۇتتۇرۇۋېتىدۇ دەپ دو تىكمەيدۇ، ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ، ئامېرىكىغا خىرىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش مەقسىتى يوق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن ئامېرىكىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئوخشاشلا، ئامېرىكىمۇ جۇڭگونى ئۇتتۇرۇۋېتىدۇ دەپ دو تىكمەسلىكى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقى، تىنچ، مۇقىم، گۈللەنگەن جۇڭگونى قارشى ئېلىشى كېرەك.

  ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي رەڭ. جۇڭگو دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، ئامېرىكىمۇ ئىقتىسادنى كۈچەپ گۈللەندۈرۈۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى چەكسىز كەڭ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشقا تامامەن بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ئارمىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش، زەھەر چەكلەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈر ئەۋلادلارنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئۇدا داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا كۈچەپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنى زامانىۋىلىشىشقا بىرلىكتە ئاتلاندۇردۇق. بىز ئورتاق بېيىشقا كۈچەپ، ھەربىر جۇڭگولۇقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردۇق. بىز ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا كۈچەپ، كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ئوخشاشلا بېيىتتۇق. بىز مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتقا كۈچەپ، ئادەم تەبىئەت بىلەن ئىناق بىللە ئۆتىدىغان قىلدۇق. بىز تىنچ تەرەققىياتقا كۈچەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھېچقانداق ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوزغاپ باقمىدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ زېمىنىنىمۇ بېسىۋېلىپ باقمىدى، ئۇ، تىنچ تەرەققىياتنى ئاساسىي قانۇن ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن، دۆلەت ئىرادىسىگە كۆتۈرگەن بىردىنبىر چوڭ دۆلەت. جۇڭگو سۆھبەتلىشىش، ئەمما قارشىلاشماسلىق، ھەمراھلاردىن بولۇش، ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتىلمەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچ تەرەققىيات، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىدا، ئەڭ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالىدىغىنى ھەمىشە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بولىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش تارىخىي لوگىكىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش تۈپ ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا خەلقىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ. ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جەزمەن خەلق ئارىسىدىن ئۇل تېپىش، خەلق ئارىسىدىن كۈچ توپلاش، خەلق ئورتاق تاماملاش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دوستلۇقى مانا مۇشۇنداق بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ئىش. بىز ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۈچىنى توپلاپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

  ئاڭلىغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم نۇتقىغا ئون نەچچە قېتىم ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رايموندو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. رايموندو مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئوچۇق، سەمىمىي، مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. خۇددى زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئامېرىكا مۇقىم، گۈللەنگەن جۇڭگونى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئامېرىكا ئۈچۈن زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، خاتا چۈشىنىپ قېلىش، خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللەنگەن كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

  ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گىرىنبېرگ، ئامېرىكا - جۇڭگو سودا كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گېرىسبېرگ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئورېنس قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى ھەم ئامېرىكا خەلقىگە يۈزلىنىپ مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، قالتىس تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 100 مىليونغا يېقىن نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، جۇڭگو ئىسمى - جىسمىغا لايىق مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا تارىخ، مەدەنىيەت، تۈزۈلمە قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق مەۋجۇت، لېكىن ئۆزئارا بىر - بىرىگە تايىنىدۇ، بولۇپمۇ خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، بۇ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. دۇنيادىكى ئىككى مۇھىم چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  زىياپەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى ھەمدە ئۇچار يولۋاس ئەترىتى ۋە جياڭجۈن سىتىلۋېلنىڭ ئەۋلادى، گۇلىڭ، ئىئوۋا ئىشتاتى، ۋاشىنگتون ئىشتاتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قارشى ئېلىش زىياپىتىنى ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى، ئامېرىكا - جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى، ئاسىيا جەمئىيىتى، ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى، ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق دوستانە تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ھەم باشقا ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 400 كىشى قاتناشتى.

  سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ