شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سان فىرانسىسكوغا يېتىپ باردى

2023.11.17 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكوغا يېتىپ باردى، تەكلىپ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكلىپ بىلەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سان فىرانسىسكو خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى نيۇسون، مالىيە مىنىستىرى يېللېن قاتارلىق ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكوغا يېتىپ باردى، تەكلىپ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكلىپ بىلەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سان فىرانسىسكو خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى نيۇسون، مالىيە مىنىستىرى يېللېن قاتارلىق ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايروپورتتىن ئايرىلىپ، چۈشكەن مېھمانسارايغا قاراپ مېڭىش يولىدا، نۇرغۇن خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى كوچا بويلىرىدا ساقلاپ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ