بىز كۆرۈشكەندە مەسىلىلەرنى ئۇدۇللا دېيىشىمىز (مىكرو كۆرۈنۈش. رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا دوستلۇق ئۆمىكىنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىنىڭ ھارپىسىدا)

2023.11.17 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 15-كۈنى، سان فىرانسىسكو. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندىن سىرت، يەنە بىر مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا دوستلۇق ئۆمىكىنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىش.

  زىياپەتتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بولغان كۆرۈشۈش ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق بولدى. ئىئوۋا ئىشتاتى ۋە ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى كونا دوستلار كەلدى، «گۇلىڭ دوستى»نىڭ ئەزالىرى كەلدى، ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋە گېنېرال سىتىۋېينىڭ ئەۋلادلىرى كەلدى... كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى نېۋسون ۋە خانىمى كۆرۈشۈش زالىغا كىردى. ئالدىنقى ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ نېۋسون بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئايرودۇرۇمدا ئۇلارمۇ ئۆتمۈشنى ئەسلىدى.

  «بۈگۈن ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟» دېدى نېۋسون.

  «ناھايىتى ياخشى. بۈگۈن زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن ناھايىتى ئەتراپلىق سۆھبەتلەشتۇق، خېلى ئۇرۇن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن تونۇشقىنىمغا نۇرغۇن يىل بولدى، شۇڭا بىز كۆرۈشكەندە مەسىلىلەرنى ئۇدۇللا دېيىشىمىز» رەئىس شى جىنپىڭ جاراڭلىق ئاۋازدا جاۋاب بەردى.

  نېۋسون جانلىق بىر كۆرۈنۈشنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بايا زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ كۆرۈشكەندە سىزگە بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ سىزنىڭ 1985-يىلىدىكى ئالتۇن دەراۋزا كۆۋرۈكى ئالدىدىكى رەسىمىڭىز ئىكەن».

  «شۇنداق، ئۇ چاغدا 30 نەچچە ياشتا ئىدىم، ياشلىق باھارىم ئۇرغۇپ تۇراتتى!».

  نېۋسوننىڭ سۆزلىگىنى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدىكى فىلولى قورۇسىدا يۈز بەرگەن بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، شۇ چاغدا، زۇڭتۇڭ بايدىن يان تېلېفونىنى ئېچىپ رەئىس شى جىنپىڭنى سۈرەت كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق سورىدى: «سىز بۇ ياشنى تونۇمسىز؟».

  كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئۆتكەن ئىشلار نامايان بولدى. 1985-يىلى، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ، تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سان فىرانسىسكودا چىگرادىن كىرگەن ئىكەن. ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالتۇن دەرۋازا كۆۋرۈكى جۇڭگو-ئامېرىكا يەرلىك ئالاقىسىنىڭ باشلىنىش پەيتىنى مۇقىملاشتۇرغانىدى.

  40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ شەھەرگە يەنە بىر قېتىم كەلدى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر بېتى بۇ يەردە ئېچىلىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ