شى جىنپىڭ: يەر شارى جۇڭگو-ئامېرىكىنى سىغدۇرالايدۇ، بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ پۇرسىتى

2023.11.19 23:48 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ: دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بولۇش سۈپىتىدە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى دۇنيانىڭ 100 يىللىق تېز ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە قويۇپ ئويلىنىپ ۋە پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ئالاقە قىلمىسا بولمايدۇ، قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، توقۇنۇش، قارشىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

  شى جىنپىڭ: مەن يەنىلا شۇنداق قارايمەن، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى بۇ دەۋرنىڭ ئاساسى تېمىسى ئەمەس، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. يەر شارى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى سىغدۇرالايدۇ، بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن پۇرسەت.

  شى جىنپىڭ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىق. لېكىن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرسىلا ئىختىلاپتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بىللە تۇرۇشىدىكى توغرا يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

  شى جىنپىڭ: مەن ۋە (بايدىن) زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رولچىسى بولۇپ، خەلق، دۇنيا، تارىخقا نىسبەتەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. مەن بۈگۈن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلىرى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.





  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ