مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا شىنجاڭدىكى ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇلار كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى، يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىدىن ئىبارەت.
كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، تۈر ئورنى توقسۇن ناھىيەسى بوشېڭ كۆمۈر كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، قۇرۇلۇش ئورنى تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە. بۇ كۆمۈر كان كۆمۈرنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆلچىمى بويىچە، چوڭ تىپتىكى زامانىۋى كان قۇدۇقى ۋە يۈرۈشلەشكەن كۆمۈر تاللاش زاۋۇتى قۇرىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي 1 مىليارد 782 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
كېبۇر شور كان رايونى 12- نومۇرلۇق كۆمۈر كان تۈرىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.
يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، تۈر ئورنى شىنجاڭ «لۈنخۇي» كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، قۇرۇلۇش ئورنى بۈگۈر ناھىيەسىدە بولۇپ،1 مىليارد 833 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كان تۈرى ئۈنۈم خەرىتىسى.
«14-بەش يىل» دىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «كايۇتا تېشى» «مۇقىملاشتۇرغۇچ» لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ،«14-بەش يىل» لىق يىرىك پىلاندىكى كۆمۈر كان تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، كۆمۈر كان تۈرلىرىنى تېز تەستىقلاش، تېز ئىش باشلاش، تېز قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يۇقىرىقى ئىككى تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ