2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلاندى
مۇسابىقە 12 كۈن داۋاملىشىدۇ، 216 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ
2023.11.15 01:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 12 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇدىن ئىبارەت سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 9 كوماندىدىكى 216 تەنھەرىكەتچى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 20 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ