يېقىندا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىركەتكە قاراشلىق 24 ئورۇنغا 2024-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 1050 نى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدىكەن.
بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 2024-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوقۇش تارىخى، كەسپى ۋە مەكتەپ تۈرى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 2024-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن، ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تورىدىن تەكشۈرگىلى بولىدىغان، ئاساسلىق ئوقۇغان كەسپى تەكلىپ قىلىدىغان كەسىپ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئوقۇغۇچىلار.
تەكلىپ قىلىدىغان كەسىپلەر توكچىلىق، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر، سانائەت پەنلىرى، مالىيە بوغالتىرلىق ۋە قانۇنشۇناسلىق، ئەمەلىي مېتېئورولوگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 23 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى ئادەتتە 25 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى ئادەتتە 28 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە 33 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ياش ھېسابلاش ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2024-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە.
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى تەكلىپ قىلىش سۇپىسىغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ، نىشانلىغان ئورۇننى تاللاپ، ئوقۇش تەۋەلىكىنى دەلىللەش دوكلاتى، نەتىجە قەغىزى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ تەسۋىر كۆچۈرۈش ھۆججىتىنى يوللايدۇ. تىزىملىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، شىركەت شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلالىرىنى تاللاپ دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى بىرتۇتاش تەشكىللىگەن ئىمتىھانغا قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشقا تىزىملىتىش ۋاقتى 2023-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمەن مۇشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى تەكلىپ قىلىش سۇپىسىغا تىزىملاتمىغان ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرىنى ئەينەن، توغرا تولدۇرۇپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يوللىمىغانلار بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ