11-ئاينىڭ 10-كۈنى تاۋتيەن گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خاڭجوۋدا غەربىي شىمال يىغىپ توشۇش تۈرىنى يولغا قويدى. جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەيدىكى تۇنجى تاۋباۋ سۇپىسىدا شىنجاڭ تېز يوللانمىلىرىنى يىغىپ توشۇش ئىسكىلاتى ئېچىلدى. شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار تاۋباۋ سۇپىسىدا توردىن سېتىۋالغان كۆپ قىسىم تاۋارلارنىڭ پوچتا ھەققى تۆۋەن، ھەتتا پوچتا ھەققى كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ.
ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان يىغىپ توشۇش ئىسكىلاتىنىڭ كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، خاڭجوۋدىن ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئىككى مەخسۇس لىنىيە ئېچىلدى. شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار تاۋباۋ تورىدا مال سېتىۋالغاندا، «ئالاھىدە ئېتىبار يىغىپ توشۇش» بەلگىسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى، بۇ سىزنىڭ تاۋباۋ تورىدا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان شىنجاڭ ئالاھىدە ئېتىبار يىغىپ توشۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ مۇلازىمەت شىنجاڭ خېرىدارلىرىغا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى يۇقىرى، تاۋارلارنىڭ بېرىپ-كېلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، بىر قىسىم سودىگەرلەر سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ۋاقىتچانلىقى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سېتىش رايونىغا چەك قويغان. شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار توردىن مال سېتىۋالغاندا ئۇزاق مۇددەت «سېتىۋالالماسلىق»، «پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك»، «كىرا ھەققى يۇقىرى بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى تاۋباۋ سۇپىسى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن زاكاز تالونىنىڭ تەخمىنەن %80 ى پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىشتىن بەھرىمەن بولغان، لېكىن پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەيدىغان زاكاز تالونىنىڭ ئوتتۇرىچە پوچتا ھەققى يەنىلا 25 يۈەنگە يېتىپ، خېرىدارلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن. بۇ قېتىم تاۋتيەن گۇرۇھى جۇڭگو پوچتىسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، تۇنجى قارارلىق شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش يىغىپ توشۇش ئىسكىلاتىنى پوچتا ھەققىنى ھۆددىگە ئېلىش رايونىغا جايلاشقان خاڭجوۋغا تەسىس قىلدى، بۇنىڭ بىلەن توردىن سېتىۋېلىنغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى تاۋارلار ئالدى بىلەن پوچتا ھەققىنى ھۆددىگە ئېلىپ يىغىپ توشۇش ئىسكىلاتىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئىستېمالچىلار ئاساسەن خاڭجوۋدىن شىنجاڭغىچە بولغان ئىككىنچى بۆلەك كىرا ھەققىنى تۆلىسىلا بولىدۇ. ئالاھىدە ئېتىبارلىق يىغىپ توشۇش مۇلازىمىتى تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، تاۋباۋ سۇپىسىدا مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدىغان زاكاز تالونىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرا ھەققى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، 25 يۈەن ئەتراپىدىن بىۋاسىتە 5 يۈەندىن 6 يۈەنگىچە تۆۋەنلىدى، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار «بىر خانىلىق سانغىچە پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش» مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ماسلىشىپ شىنجاڭدا توردىن مال سېتىۋېلىشى «پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك»، «مال ئەۋەتمەسلىك»مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولغان، تاۋباۋ سۇپىسىدىن باشقا پىندودو، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلار بىلەن ئاساسلىق تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ھەمكارلىشىپ شىئەندە شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش ئۇلاپ توشۇش يىغىپ توشۇش ئىسكىلاتى قۇرۇپ، شىنجاڭ ئابۇنىچىلىرىنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش كىرا ھەققىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكەن، شۇنداقلا شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك قوللاش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ