مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ بىڭتۈەندىن بىر كىشى تەكشۈرۈلدى

2023.11.13 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4-شى 64-تۈەنى ۋېيخۇ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، 64-تۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى شېن بىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ، ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  شېن بىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  شېن بىڭ، ئەر، خەنزۇ، سىچۈەن ميەنياڭدىن، 1973-يىل 4-ئايدا تۇغۇلغان، 1997-يىل 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996-يىل 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 4-شى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كۆكدالا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، 4-شى 62-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭ، 4-شى 64-تۈەن ۋېيخۇ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، 64-تۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ