يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىن كۆچۈپ چىقىپ، خوتەن ناھىيە تەۋەلىكىدە ئورۇنلىشىشىنى تەستىقلىدى.
11ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 704-نومۇرلۇق مەمۇرىي رايونلارنى ئايرىشنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 18ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونلارنى ئايرىشنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز: 2023- يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىكى جەنۇبىي گۇجان يولى 6-نومۇرلۇق قورۇدىن بەيخې بازىرى شاتيەن مەھەللىسى پەن-تېخنىكا يولى 11-نومۇرلۇق قورۇغا يۆتكەشنى ۋە خوتەن شەھىرىدە يۈخې كوچىسى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. بۇ ئۇقتۇرۇشنى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى 11ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى ئېلان قىلدى.
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي رايون خەرىتىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تور بېكىتىدىن ئېلىندى
1984-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەن خوتەن شەھىرى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ خوتەن بازىرى، شورباغ گۇڭشېسى، لاسكۇي گۇڭشېسى ۋە ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنى خوتەن شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خوتەن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئورگانلار خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا جايلاشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ