مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، يېڭى ياشلارنىڭ ئۆي ئىجارىگە ئېلىشتا قەرز پۇل ئېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەت رەسمىي يولغا قويۇلدى!

2023.10.27 12:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، يېڭى ياشلار قاتارلىق ئاممىنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشتا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېقىندا، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى شەھەر ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن «يېڭى شەھەر ئاھالىسى، يېڭى ياشلارنىڭ ئۆي ئىجارىگە ئېلىشتا قەرز پۇل ئېلىش» سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويدى.

  مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن

  شىنجاڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھۆكۈمەت تورى دائىرە نامىنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئېلان

  «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ دائىرە نامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججىتى [2018-يىللىق] 55-نومۇرلۇق)نىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ نوپۇزى، قېلىپلىشىشى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تور بېكىتىدە يېڭى دائىرە نامى xjgjj.xjjs.gov.cn ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئەسلىدىكى دائىرە نامى www.xinjianggjj.com ئىشلىتىشتىن توختىتىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تور ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلدى:

  ئۈرۈمچى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/wlmqgjj/

  ئىلى ئوبلاستى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/ylz/

  قاراماي: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/klmy/

  تارباغاتاي ۋىلايىتى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/tcdq/

  ئالتاي ۋىلايىتى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/altdq/

  بورتالا ئوبلاستى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/boz/

  سانجى ئوبلاستى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/cj/

  تۇرپان شەھىرى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/tlfdq/

  قۇمۇل شەھىرى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/hm/

  بايىنغولىن ئوبلاستى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/baz/

  ئاقسۇ ۋىلايىتى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/aksdq/

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/kez/

  قەشقەر ۋىلايىتى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/ksdq/

  خوتەن ۋىلايىتى: https://xjgjj.xjjs.gov.cn/htdq/

  ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ