لى چياڭ بىشكەككە يېتىپ بېرىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلىرى) كېڭىشىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە قىرغىزىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى

2023.10.25 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى جاپپاروفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە يېتىپ بېرىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلىرى) كېڭىشىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى چياڭ ئولتۇرغان ئايروپىلان بېشكەك ماناس خەلقئارا ئايرودرومىغا قوندى. سۈرەتتە: جاپپاروف ئايرودرومدا لى چياڭنى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى جاپپاروفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلىرى) كېڭىشىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

  لى چياڭ ئولتۇرغان ئايرۇپىلان شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېشكەك ماناس خەلقئارا ئايرودرومىغا قوندى. زۇڭلى جاپپاروف ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېنمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  جاپپاروف ئايرودرومدا لى چياڭنى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لى چياڭ جاپپاروفنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئارقىدىن لى چياڭ جاپپاروف بىلەن قىسقىغىنە كۆرۈشتى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ھەمكارلىقى قويۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلار بولدى. مەن بۇ قېتىم قىرغىزىستانغا ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلدىم. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى يارقىن نۇقتىسى، يېڭى ئۈلگىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان دوستلۇقىغا تېخىمۇ كۆپ دەۋر مەزمۇنى قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جاپپاروف لى چياڭنىڭ قىرغىزىستانغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، قىرغىزىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ