شى جىنپىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئاساسىدىكى ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى

2023.10.25 22:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئاساسىدىكى ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارغا ھەمراھ بولۇشتا قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلارنى خاتىرجەم قىلىش، قوشنىلارنى بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇش، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قۇرساق بولۇش ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇردى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، مەنپەئەت بىرىكىشى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پارلاق يولى ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر شارائىتىدا بىز يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قۇرساق بولۇش ئىدىيەسىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، كەڭ قورساقلىق، يۇغۇرۇلۇشنى يادرو قىلغان ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايوننىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشىمىز. بىز يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ياخشى ئەتراپ مۇھىتى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئىمكانىيىتى يارىتىمىز. جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، گۈزەل، دوستانە بىللە ئۆتىدىغان ئاسىيا ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتىمىز!

  يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئاساسىدىكى ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، «يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ___ يېڭى ئىچكى مەزمۇن، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى مەنزىل» يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار بۆلۈمى ئىشخانىسى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ