شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.10.26 09:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەبرىك خەت

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 70 يىلدىن بۇيان، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 70 يىلدىن بۇيان، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى، يۆنىلىشى، باش تېمىسى، ۋەزىپىسىنى ئىزاھلاپ، كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارغا سەمىمىي ئۈمىد ۋە ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق تەشكىلاتى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېڭى مۇساپىدە، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىشىنىش، ئىتتىپاقلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش، تەربىيەلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ساغلام»نى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە بىرلەشمە قۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە قۇرۇش، مۇلازىمەت ئارقىلىق بىرلەشمىنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھات ئارقىلىق بىرلەشمىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيۋىلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك ۋە ياردەمچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى شۈ ليۇپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتى، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر تەقدىرلەندى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ھەمدە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ھەم ۋەكىللەر، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ