مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تورداشلارنى 2024-يىللىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ھەققىدە تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ

2023.10.27 11:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ھەققىدە جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

  2023-يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2024-يىلى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى توغرا تاللاپ، ياخشى تاللاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ئەلرايىغا يېقىنلىشىش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەردىن 2024-يىللىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى توغرىسىدا ئاشكارا تەكلىپ ئېلىش قارار قىلىندى. ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:

  بىرىنچى، توپلاش ۋاقتى

  ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، قوبۇل قىلىش پرىنسىپى

  (1) ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەكلىپ بېرىلگەن خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئورتاق، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى، مۇئەييەن ئىجتىمائىي قاپلاش دائىرىسى، مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

  (2) يولغا قويۇش ئىمكانىيىتى بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە رېئال ئاساسىي شارائىتىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، بەلگىلىك ئىمكانىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

  (3) ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولۇش كېرەك. تەكلىپ بېرىلگەن ئىشلار ئادەتتە 2024-يىلى شۇ يىلى تاماملىنىدىغان ياكى باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، توپلاش مەزمۇنى

  ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى، مائارىپ-داۋالاش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە (پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت)، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش (ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەت)، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش (ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش)، كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش، تۇرالغۇ كاپالىتى، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت (مۇھىت ئاسراش)، قاتناش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش (جەمئىيەت ئامانلىقى)، قانۇن ياردىمى، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تۆتىنچى، قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى

  (1) خەلق تورى رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى

  (http://xj.people.com.cn/GB/188750/407213/index.html)

  (2) ئانار بۇلۇت 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش سۇپىسى

  (https://12345.ts.cn/submitPage/c23007da-6ef9-11ee-b6d8-00006531f593)

  (3) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتىدىن مەسلىھەت سورايمەن/تەكلىپ بېرىمەن سەھىپىسى

  (http://www.xinjiang.gov.cn/xinjiang/xxxz/xxxz.shtml)

  (4) شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى

  (https://zwfw.xinjiang.gov.cn/12345wz/websitenew/pages/ask/order_self)

  (5) 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى

  ھەر مىللەت ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ بەس-بەستە قاتنىشىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، بېجىرىلىشىنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىر پىكىر-تەكلىپىڭىزنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ تەتقىق قىلىدۇ ھەم جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، كېلەر يىلى يولغا قويغىلى بولىدىغان خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى تاللاپ بېكىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى

  2023-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ