مۇھىم خەۋەرلەر

قەشقەر داشۆسىنىڭ شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونى پۈتتى

2023.10.08 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 6-كۈنى، قەشقەر داشۆسى شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قەشقەر داشۆسىنىڭ «بىر گەۋدە، ئىككى قانات» ئۈچ مەكتەپ رايونى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  قەشقەر داشۆسى شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونى قەشقەر شەھىرى شەرقىي شەھەر چوڭ يولىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان، بۇ تۈر 2022-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، 950 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 190 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، مۇددەتكە بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش شەكلى ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان.

  ھازىر قەشقەر داشۆسىنىڭ شىنچۈەن، گاۋتەي ۋە دۇڭچېڭ قاتارلىق ئۈچ مەكتەپ رايونى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنچۈەن مەكتەپ رايونى مەكتەپنىڭ ئاساسىي مەكتەپ رايونى بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان؛ گاۋتەي مەكتەپ رايونى تېببىي پەن تۈرى، ساياھەت باشقۇرۇش تۈرى قاتارلىق ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋە غەيرىي ئوقۇش تارىخى بويىچە داۋاملىق تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان؛ شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونى يۇقىرى قاتلاملىق قوللىنىشچان، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. قەشقەر داشۆسى ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى بۇرچ قىلغان كۆپ پەنلىك تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 100 ئالىي مەكتەپنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر داشۆسى شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونىنى قۇرۇشتا خاس ئەۋزەللىكنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى سىجىل ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  قەشقەر داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دىڭ باڭۋېن مۇنداق دېدى: «قەشقەر داشۆسىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەشقەر داشۆسىنى مەملىكەت بويىچە داڭلىق، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە زامانىۋى ئەمەلىي قوللىنىشچان داشۆ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ «ئېلىپ قالالايدىغان، قېپقالالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان، ياخشى ئىشلەيدىغان» ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ