جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​«20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.09.28 14:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىشنى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، بىرقاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى. 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئېنىق سىگنالى قويۇپ بېرىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۆزىتىش مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، سىجىل كۈچەش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆزىتىشتىن قارىغاندا، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە، تەنتەربىيە ساھەسىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچەيتىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان. قاتتىق ئاساسىي رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتنى يەتكۈزۈپ، ئىزچىل ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تۈزىتىشنى قاتتىق، ئەمەلىي ياخشى تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنى نازارەت قىلىشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، «تۆت خاھىش»نى چوڭقۇر تۈزەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ