شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

​دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2023.09.28 14:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى توغرىسىدا 8 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم سەھنىسى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قارىتا زۆرۈر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئىجادكارلىق روھى بىلەن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىنى تەڭشەشكە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى گۇ شۆمىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى ئابىدە. قىسقىغىنا 20 نەچچە يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودا ئومۇمىي سوممىسى 11 ھەسسە ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى مال سودىسى چوڭ دۆلىتىگە، 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30كە يېقىن تۆھپە قوشتى. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىنى پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتاشقۇچىدىن تەدرىجىي ھالدا مۇھىم قاتناشقۇچىغا ئايلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئۆز تەرەققىياتىنى تېزلىتىپلا قالماي، پۈتۈن يەرشارىغىمۇ نەپ يەتكۈزدى، بۇ مۇھىم، زور تەدبىر تامامەن توغرا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا قاتنىششتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا ئەركىن سودا ۋە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇش، پان خەۋپسىزلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتنىشىشتىكى جۇڭگو لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئۆز ئىسلاھاتىمىزدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ھەم ئېچىۋېتىش ئىشىكىنى كېڭەيتىشىمىز، ھەم ئىسلاھات يولىنى پۇختا بېسىشىمىز كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىمپورت يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مال سودىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، رەقەملىك سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يەرشارىۋى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى باشقۇرۇشتىكى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ، توغرا ئىگىلەپ، تولۇق ئىگىلەپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، يولغا قويۇش تەدبىرى بولۇش، ھەرىكەت كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقئارا قائىدىدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى، ئىستىلى ئېسىل يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەشكەن سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمەت قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈرەش داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، ھوقۇق - مەنپەئەتنى مۇستەھكەملەش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى كۆزلەپ، ئورتاق نەپ ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ