مۇھىم خەۋەرلەر

گۇاڭفا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى چېن جۈنخۇي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2023.09.28 02:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭفا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى چېن جۈنخۇي ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولۇپ، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشۈن شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

  (مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ