مۇھىم خەۋەرلەر

«شىنجاڭ بەك گۈزەل ئىكەن، كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمىز» ___ بېيجىڭ داشۆسى «شەرق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت خاتىرىسى

2023.09.28 01:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، تۆت كۈنلۈك شىنجاڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بېيجىڭ داشۆسى «شەرق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز، شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمىز.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، بېيجىڭ داشۆسى «شەرق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى، 49 دۆلەتتىن كەلگەن 49 كۇرسانت ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىگە باردى، ئۇلار مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى، مەسچىت، مەكتەپ، كەنت، قەدىمىي شەھەر، ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدا ماڭغاچ كۆرۈپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، كۇرسانتلار «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ھەربىر نەرسە، ھەربىر سۈرەت، ھەربىر بۆلەك سىن كۇرسانتلارنى ھەيران قالدۇردى. كۇرسانتلار زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى.

  «تېررورىزمنىڭ چېگراسى يوق، شۇنداقلا دىن ۋە دۆلەت ئايرىمايدۇ، بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تولۇق چۈشىنىمىز» دېدى نېپالدىن كەلگەن بىر كۇرسانت، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىرقى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ تىنچ، ئىناق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  كۇرسانتلار بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئىگىلىگەنلىكىنى، چوقۇم شىنجاڭدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى دوست-بۇرادەرلىرىگە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  زىيارەت ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئۇلار بەس-بەستە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنىڭ رەڭدارلىقىنىڭ ئۇلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى، كېلەر قېتىم گۈزەل شىنجاڭغا يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ