مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىدە يانفوندا ئىش بېجىرىشكە تۈرتكە بولدى

464 تۈرلۈك مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ھەر ۋاقىت بېجىرىش، يانفوندا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2023.09.14 01:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ يانفوندا ئىش بېجىرىشتىكى كىرىش ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شىنفۇبەن» (新服办) APP ۋە ئەپچىسىگە كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا، ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، توي-تۇغۇت قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ يانفوندا ئىش بېجىرىشكە بولىدىغان 464 تۈر ئۇلانغان بولۇپ، تۈرلۈك ئىش بېجىرىش تارماقلىرىنىڭ ئەپ دېتالىدىن 115 نى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىشنى خالىغان ۋاقىتتا بېجىرىشى، يانفوندا بېجىرىشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  «ئىلگىرى بالىنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولغاندا، ئەسلى نۇسخىسىنى تېپىش كېرەك ئىدى، ھازىر <شىنفۇبەن> ئېلېكترونلۇق كىنىشكىسىدىن تەكشۈرگىلى بولىدىكەن» دېدى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى خې شىنلىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بەزى ئۇچۇرلارنى تولدۇرغاندا، ئەسلىي نۇسخىسى يوق ئەھۋالدا، «شىنفۇبەن» ئەپچىسىدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى تېزلا ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىنى تاپتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە چېتىلىدىغان تەكرارلىقى يۇقىرى ئىشلارنى رەتلەپ، «شىنفۇبەن» سۇپىسىغا ئۇلاپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە 40 نەچچە نازارەت، ئىدارىنى «ئاممىۋى كىرىش ئېغىزى»، «ئاممىۋى تىرەك»، «ئاممىۋى يول» بىلەن تەمىنلەپ، كارخانا، ئاممىۋى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش كىرىش ئېغىزى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇلغانلىق تىببى ئىسپاتى ئېلىش، ئاندىن ج خ تارماقلىرىغا بېرىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش، نۇرغۇن جايغا قاتراپ، نۇرغۇن ماتېرىيال تاپشۇرۇش كېرەك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى پەقەت «شىنفۇبەن» سۇپىسى ئارقىلىق توردا ماتېرىيال تاپشۇرسىلا بىر قېتىمدىلا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ.

  «<شىنفۇبەن> شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى بىر كۆزنەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى كۈندە، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، كارخانا ۋە ئامما ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى «يانفوندا بېجىرگىلى بولۇش»، «يانفوندا تېز بېجىرىش»كە قارىتا يېڭى ئېھتىياج ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈمىدكە تولدى. ئاپتونوم رايون كارخانا، ئاممىنىڭ كۆپ بېجىرىدىغان ئىشلىرىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي كۆرۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى قاتلام-دەرىجە مۇلازىمىتىنى مۇجەسسەملەپ ئۇدۇللاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «بىر يانفون قولدا بولۇش، بىر كۇنۇپكا بىلەن تىزىملىتىش، بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىپ بولۇش»نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ