مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە قاتناش قاتنايدۇ

2023.09.13 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-ترانسپورت نازارىتى، ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى قاتارلىقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق «قوش بايرام» مەزگىلىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا نورمال قاتناش قاتنىسا بولىدىكەن، ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  تيانشان تاغلىق رايونىدا قىش پەسلىدە قار يېغىش، مۇز تۇتۇش قاتارلىق تەبىئىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ يېپىق مەزگىلى سەككىز ئايغا يېتىدۇ، قاتناش ۋاقتى ئادەتتە ھەر يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ. بۇ يىل قاتناش-ترانسپورت نازارىتى كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، لىنىيە بويىدىكى ئون قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىغا 110 ئەتراپىدا خادىم ئەۋەتىپ، قار تازىلاش ئۈسكۈنىسى ۋە قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسىدىن 40 يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرماقچى ھەمدە 10 ئاسراش نۇقتىسىدا 500 توننىدىن ئارتۇق قار ئېرىتىش ماتېرىيالى، 100 توننىدىن ئارتۇق تېيىلىشتىن ساقلىنىش قۇمى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ