مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 9-شى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ شىنگې پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2023.09.13 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 9-شى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ شىنگېنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، ۋاڭ شىنگې غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىدىن ۋاز كېچىپ، پارتىيەگە سادىق بولماي، سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا قىلچە پەرۋا قىلماي، ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 9-شى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى يىغىلىپ تاماق يېيىش، ھاراق ئىچىشكە تەشكىللەپ، يەپ-ئىچىپ يامان تەسىر پەيدا قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىسى قوبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي سودىگەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپىتىنى قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمىتىنى يۆتكەش جەريانىدا باشقىلارغا مەنپەئەت كۆزلىگەن؛ ھوقۇقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىپ، نەپسىنى يوغىنىتىپ، قانۇن-ئىنتىزام تۆۋەن چېكىنى يوقاتقان، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىش، مەبلەغ راسچوتى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت كۆزلىگەن ھەمدە زور سوممىلىق پۇل-مال تەلەپ قىلغان، قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

  ۋاڭ شىنگې پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغاچقا ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ۋاڭ شىنگېغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يىغىۋالدى؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، چېتىشلىق مال-مۈلۈكنىمۇ بىرگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ