مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىش سىنىقى ئېلانى

2023.09.12 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئە سىگنال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2023-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىرتۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىنىدۇ. ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

  1. ھاۋا مۇداپىئە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى سىناق قىلىش ۋاقتى

  2023-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دىن 12دىن 19 مىنۇت ئۆتكىچە

  2. ھاۋا مۇداپىئە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى سىناق تۈرى

  ئالدىن سىگنال بېرىش: 36 سېكۇنت چېلىنىدۇ ، 24 سېكۇنت توختايدۇ، بىر دەۋرىيلىكتە (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت بولىدۇ) ئۈچ قېتىم تەكرار چېلىنىدۇ؛ ھاۋا ھۇجۇمى مۇداپىئە سىگنالى: ئالتە سېكۇنت چېلىنىدۇ، ئالتە سېكۇنت توختايدۇ، 15 قېتىم تەكرارلىنىپ بىر دەۋرىيلىك (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت بولىدۇ) بولىدۇ؛

  مۇداپىئە سىگنالىنى توختىتىش: ئۇدا ئۈچ مىنۇت چېلىنىدۇ. ھەربىر خىل مۇداپىئە سىگنالىنىڭ ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.

  3. ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق قىلىش دائىرىسى

  ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى ، چۆچەك شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بورتالا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، شىخۇ شەھىرى.

  بارلىق پۇقرالار خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنىڭ تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشى ۋە پىششىق بىلىشى، نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

  2023-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ