مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

«ئارمىيەنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى

2023.09.11 09:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئارمىيەنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئىمزالىدى، چارە 2023 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «چارە»دە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى قىسىمنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىكى خادىملار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش قاتارلىق رېئال ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، سىستېمىلىق لايىھەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قوللاش ۋە يۆلەش ـ ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پىلانلىق تۇغۇت، سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت كاپالىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن تۇغۇت زەنجىرى تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قوللاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئارمىيەدىكى خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئارمىيەدىكى خادىملار ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرسىتىلدى.

  «چارە» جەمئىي 33 ماددا بولۇپ، تۇغۇت ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، تۇغۇت بويىچە مۇكاپاتلاش، يۆلەش ـ ياردەم بېرىش، تۇغۇت مۇلازىمىتى قاتارلىقلار قېلىپلاشتۇرۇلدى، ئارمىيەدىكى خادىملارنىڭ مۇۋاپىق ياشتا ئۆيلىنىشى ـ تۇغۇشى، سۈپەتلىك تۇغۇشى، سۈپەتلىك تەربىيەلىشى تەشەببۇس قىلىندى، بىر جۈپ ئەر ـ خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ؛ بالا بېقىش دەم ئېلىشى، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دەم ئېلىشى قاتارلىق دەم ئېلىش يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بېقىش ـ تەربىيەلەش، يەسلى مۇلازىمىتى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ مەسلىھەت بېرىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق تەدبىرلەر تاكامۇللاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ