شى جىنپىڭ 10 - قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.09.08 15:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2013 - يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مېخانىزمى يۈرۈشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا ئەدلىيە ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل قانات يايدۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلىك رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىسىتېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ۋە ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلار تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  10- قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ