خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ تەلىپىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن نوپۇزىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار ئىجادىيلىققا، نامايەندە خاراكتېرىگە ئىگە يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. قانۇن چىقىرىشتا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ھەربىر قانۇننى ئەلرايىغا تولدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇش، ئەلرايىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆڭلىگە جاھاننى پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن تەييارلاش، مۇھىم مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، قاراپ چىقىش ئۆتكىلىنى ئىگىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق بىرلىكىنى قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك. قانۇن چىقىرىشنى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن نازارەتچىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش جەريانىنى قانۇننى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىش، قانۇن چىقىرىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش كېرەك.
يىغىندا قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار يەتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىدىن ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن يىغىنغا قاتناشتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى