مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرى ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئەمەلىي ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يىپەك يولىدىكى ھېكايىلەر ياخشى سۆزلەندى

2023.09.12 01:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جۇڭگو شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرى ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن 21 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگودىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا تارقىتىش ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى.

  قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قانات توقابايېف مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 50 نەچچە تاراتقۇ بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. قازاقىستان بىلەن جۇڭگو تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلىدىنلا دوستانە بولغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  قىرغىزىستان دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى كەرىم خانجېزا مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق قىرغىزىستان ئوقۇرمەنلىرى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلىدى، جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىمۇ قىرغىزىستانغا ئالاقىدار تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتى، ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلۇشى ئۆزئارا ئىشىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

  ئۆزبېكىستان «خەلق پىكرى گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى رۇسلان كەنجەيېف تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشقا باشلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ