مۇھىم خەۋەرلەر

«مەن شىنجاڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى كۆردۈم» ___ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش خاتېرىسى

2023.09.12 01:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. كۆپ دۆلەتنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش كاتىپى ۋە كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار دىپلوماتىيە خادىملىرى بولۇپ 26 كىشى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى.

  زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «كۆز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز راست»، «كىشىنى قايىل قىلىدۇ»، «تەسىرات چوڭقۇر بولدى» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ تىلغا ئالدى. ۋەكىللەر خەلقنىڭ بەختلىك، دىنلار ئىناق، مەدەنىيەت گۈللەنگەن شىنجاڭنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جىبۇتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، قوشۇمچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىيائىددىن سەيىد باماخراما مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى قايىل بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

  سۇدان ۋەكىلى يۈسۈف سىدىق يۈسۈف مۇنداق دېدى: كۆز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز راست، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلمايلا قالماستىن، يەنە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا، قىرغىز ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممەيلەن ئەنئەنىۋى تارلىق چالغۇ قۇمۇزنى چېلىپ، تەبىئىي، يېقىملىق ناخشا ئاۋازى بىلەن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇگاندا ۋەكىلى قاسابمى شىراساد ئىختىيارسىز رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن».

  پاكىستاننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سەئىد مۇھەممەت فاۋاد مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا قارىتا خاتا چۈشەنچىسى بار كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. بۇ مېنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىم، مەن شىنجاڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى كۆردۈم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ