مۇھىم خەۋەرلەر

ئەمەلىي تارتىلغان شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرى «تونۇردىكى تۆت گۆھەر»نى تەييارلاش جەريانى

2023.09.05 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  لو فۇجياڭ (ئوڭدا) شۇ كۈنى سويغان يېمەكلىك ماتېرىيالىنى بىر تەرەپ قىلماقتا. شى يۈجياڭ فوتوسى

  شىنجاڭدا قانداق مەززىلىك يېمەكلىكلەر بارلىقى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرھال كاۋاپ، سامسا، توخۇ قوردىقى، پولۇ قاتارلىق ئەنەنىۋى تائاملارنى ئەسكە ئالىدۇ، لېكىن «تونۇردىكى تۆت گۆھەر»نى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-شىسى ئالار شەھىرىدە ئاشپەز لو فۇجياڭ شۇ جاينىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك يېمەكلىكى «كۇنگاڭ قويى»، « تارىم دەرياسى بېلىقى»، «دەرەخ توخۇسى»، «قۇملۇق توشقىنى»نى تاللاپ ۋە شۇ جايدىكى ئالاھىدە ياسالغان تونۇردا، بىر تونۇردا تەڭلا پىشۇرغىلى بولىدىغان «تونۇردىكى تۆت گۆھەر»نى ئىجاد قىلدى، پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ سىرتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك بولغاچقا خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شۇ جايدىكى ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ تېتىپ باققۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى. لو فۇجياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تاللىغان يىمەكلىك ماتېرىياللىرىنى شۇ كۈنى سويۇپ، شۇ كۈنى پىشۇرۇپ، يىمەكلىكلەرنىڭ يېڭى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى لو فۇجياڭ ئىجاد قىلغان «تونۇردىكى تۆت گۆھەر» 4-تۈركۈمدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  يېمەكلىك ماتېرىيالى تۇز سۈيىگە تەخمىنەن 15 مىنۇت چىلاپ قويۇلىدۇ. شى يۈجياڭ فوتوسى

  تۇخۇم بىلەن كىراخمال نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇلۇپ بوتقا قىلىنىپ، چىلانغان يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ ئۈستىگە سۈركىلىدۇ. شى يۈجياڭ فوتوسى

  يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تۆمۈر ئىلمەككە ئېسىپ، ئوت يېقىلغان تونۇرغا سېلىشقا تەييارلىنىدۇ. سۈرەتتە لو فۇجياڭ شاگىرتىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. شى يۈجياڭ فوتوسى

  يېمەكلىك ماتېرىياللىرى تونۇرغا سېلىنىپ، ئاغزىنى ئېتىپ دۈملىنىدۇ. شى يۈجياڭ فوتوسى

  بىر سائەتتىن كېيىن، قاپقاقنى ئېچىپ، تۆمۈر ئىلمەك بىلەن يېمەكلىكلەر ئېلىنىدۇ. شى يۈجياڭ فوتوسى

  قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىككە دورا-دەرمەك چېچىلىدۇ. تېتىتقۇ تۇز، زىرە، خۇشبۇي يوپۇرماق، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلارنى نىسبەت بويىچە تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ. شى يۈجياڭ فوتوسى

  پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ سىرتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك. سۈرەتتە:لو فۇجياڭ (سولدىن ئىككىنچى كىشى) شاگىرتى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شى يۈجياڭ فوتوسى

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ