مۇھىم خەۋەرلەر

ئەلىشىر چېمپىيون بولدى

2023.08.24 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭلىق «كىچىك ئۇچار ئادەم» ئەلىشىر ئۆمەرنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇردا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 17 ياشلىق ئەلىشىر 21 سېكۇنت 29 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئاخىرقى پەللىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى.

  ئەلىشىر ئۆمەر تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇق سەھنىسىگە چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1-چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن سۈرەتئەلىشىر 2006-يىلى باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 2022-يىلى ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىك ئاتلېتكا كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چاۋياڭ ۋە ئاقسۇ تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى ۋاڭ جىجۇڭ تەرىپىدىن بايقىلىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەنتەربىيە مەشىق 1-چوڭ ئەترىتىگە تاللىنىپ، تىرېنېر جاڭ ياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەتىجىسى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  كەسپىي مەشىق قىلغىنىغا يېرىم يىل بولمىغان ئەلىشىر ئالدى بىلەن بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق مەملىكەتلىك U18 يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى ھەم 21 سېكۇنت 8 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن شىنجاڭ قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا يۈگرەش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ يىل 6-ئايدا، 2023- يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئۇ يەنە 46 سېكۇنت 53 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن شىنجاڭ قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگرەش رېكورتىنى 0.39 سېكۇنت يۇقىرى كۆتۈردى.

  ئەلىشىر ئۆمەر چېمپىيون بولغاندىن كېيىن دۆلەت بايرىقىنى ئۇچىسىغا ئارتىپ تەبرىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1 -چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن سۈرەت جاڭ ياڭ: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ھاۋا بىرقەدەر سوغۇق بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىسىز بولدى. تۈنۈگۈنكى تەييارلىق مۇسابىقىدە تېمپېراتۇرا 13 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۇ 21 سېكۇنت 16 دەقىقە يۈگۈردى، بۈگۈنكى تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۇ يەنىلا شامالغا قارشى يۈگۈرۈپ، 21 سېكۇنت 29 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن يۈگۈردى، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. 11-ئايدىكى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار (ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ، ئۇنىڭ 21 سېكۇنتلۇق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن » دېدى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن ئەلىشىر ئۈندىدار ئارقىلىق مۇخبىرغا ئۇچىسىغا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئارتقاندىكى ھېسسىياتنىڭ بەك قالتىس بولىدىغانلىقىنى، كېلەر قېتىم دۆلەت ئۈچۈن ئاتلىنىپ ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يېڭىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ