مۇھىم خەۋەرلەر

چۆچەككە ماكانلاشتى! ئۈچ يىلدا 600 ئۇچقۇچى تەربىيەلەش پىلانلاندى

2023.08.22 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق شىنجاڭ چۆچەك 3-نۆۋەتلىك ئاكاردىيون مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۈچ يىل ئىچىدە شىنجاڭ «لۇڭخاۋ» ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى چۆچەك ئايرودۇرۇمىغا تايىنىپ 600 ئۇچقۇچى تەربىيەلەيدىكەن.

  8-ئاينىڭ 19-كۈنى، 2023-يىللىق شىنجاڭ چۆچەك 3-نۆۋەتلىك ئاكاردىيون مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، سۈرەتتە: كېلىشىم ئىمزالاش نەق مەيدانى.

  سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ لۇڭخاۋ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى بىلەن چۆچەك شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىم مەزمۇنى بويىچە، بۇ شىركەت چۆچەك ئايرودۇرۇمىغا تايىنىپ ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەشىق ئايروپىلانىدىن 30 نى كىرگۈزۈپ، ھەر يىلى 30 مىڭ سائەتتىن ئارتۇق ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە 600 ئۇچقۇچىنى تەربىيەلەيدىكەن، كېيىن يەنە چۆچەك شەھىرىدە شەخسىي كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئۇچۇش، پاراشوت بىلەن سەكرەش، بوشلۇقتا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار تۈرلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  شىنجاڭ لۇڭخاۋ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى لۇڭخاۋ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شۆبە شىركىتى. لۇڭخاۋ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش ئىشتابى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭيۈەن شەھىرىگە جايلاشقان، ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان، ئايروپىلان رېمونت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىپ ئۇچۇش، ھاۋادا ساياھەت قىلىش، ھاۋادا پاراشوت بىلەن سەكرەش، ئاۋىياتسىيە نەزەرىيەسى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق باشقا ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ھەممىباب ئاۋىياتسىيە پاي كارخانىسى.

  لۇڭخاۋ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى، شىنجاڭ لۇڭخاۋ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ خاۋجۈن مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ چۆچەككە ماكانلىشىشىدا ھاۋا شارائىتى، كىلىمات قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياخشى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

  شۇ كۈنى چۆچەك شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەنە خەينەن ئۆلكىلىك جەنخې مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىڭخۇڭتەي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، چۆچەك بوفېڭ خەلقارا ساياھەت چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كۆپلىگەن كارخانىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، جەمئىي 10 تۈردە كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ تۈرلەر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىيەت ساياھىتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپ ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ، كېلىشىم سوممىسى 836 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، چۆچەك شەھىرى يەنە چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ماركىسى بولغان «ماي بوياق رەسىمدىكى چۆچەك» ۋە چۆچەك پاقلان گۆشى، چۆچەك قۇرۇتۇلغان گۆشى، چۆچەك ئۇنى قاتارلىق 10 خىل ئالاھىدە مەھسۇلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان سودىگەر چاقىرىش باش ئەلچىسىگە تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى.

  چۆچەك شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شۆشيا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان چۆچەك شەھىرى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى،

  ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە ۋىلايەتنىڭ «ئۈچ چوڭ بۆلەك» تەلىپىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ چۆچەك نۇقتىلىق ئېچىش-ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى بىلەن «خاتا تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئىدىيەسىگە ئاساسەن، چۆچەك شەھىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بىر نىيەت، تۆت باغچە» ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئېففېكتنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ