مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ دىسكا ئېتىش ماھىرى خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

2023.08.18 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى 2023-يىللىق خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 62 تەنھەرىكەتچى بۇنىڭغا تاللانغان بولۇپ، شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى، ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ دىسكا ئېتىش چېمپىيونى ئابدۇغېنى تۇرغۇن تاللاندى.

  ئابدۇغېنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، بۇ يىل 26 ياشق، بوي ئېگىزلىكى 2.02 مېتىر، بىلەك كېرىلىشى 2.16 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ تىرېنېرى شىنجاڭ ئەرلەر دىسكا ئېتىش رېكورتىنى ساقلىغۇچى نۇرمەمەت تۇراق بولۇپ، نۇرمەمەت 2001-يىلى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ياراتقان 62.36 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن بۇ تۈردىكى ئاسىيا ياشلار رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئابدۇغېنى دۆلەت ئىچىدىكى نەتىجىسى 60 مېتىردىن يۇقىرى بولغان ئەرلەر دىسكا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئارقا-ئارقىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى،2021-يىلى ئابدۇغېنى 60.58 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى 42 يىلدىن كېيىن يەنە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقلىقىغا ئېرىشتى.

  بۇ يىل 6-ئايدا، 2023-يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەم ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئابدۇغېنى 60.25 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل 7-ئايدا ئابدۇغېنى يەككە كىشىلىك مۇسابىقىدە يەنە ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىپ، 2023-يىلى ئاسىيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 61.19 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن 20 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر دىسكا ئېتىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەشىق 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ يۆگۇي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەستە قولغا كېلىدىغان مۇسابىقە پۇرسىتى بولۇپ، ئابدۇغېنىنىڭ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، مەشىق جەريانىدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۆلچىمىگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ