مۇھىم خەۋەرلەر

25 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى

2023.08.10 01:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دومىنىكا، بېرما، ئىران قاتارلىق 25 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

  ئەلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دېيىشتى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز، مەدەنىيىتى رەڭگارەڭ بولۇپ، گۈللەپ ياشناۋېتىپتۇ، «شىنجاڭ خەلقى بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ»، قىسمەن غەرب تاراتقۇلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغانچىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئالقىشلىدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقاتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، نۇرغۇن ھەقىقىي سۈرەت، سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ساھەسىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

  پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىجاز ئەھمەد مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى بىخەتەر تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىز جۇڭگو بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىمىز.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، قىسمەن غەرب تاراتقۇلىرى يالغانچىلىق قىلىپ شىنجاڭغا تۆھمەت چاپلاپ، ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى كۆپتۈردى. بۇنىڭغا قارىتا، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دومىنىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن چارلىز مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا، بىز كىشىلەر بىلەن ئازادە پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ سالاپەتلىك ھەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بىز «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى كۆرمىدۇق، بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى بارلىقىنى بايقىمىدۇق.

  ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ھېس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى

  شىنجاڭ ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىدىكى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي يېپىق ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھسىن بەختىيار «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا، شىنجاڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قاتارلىق جايلاردا، ئەلچىلەر شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى. ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى باتىر تۇرسۇنوف مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو ئەزەلدىن يىپەك يولى ئارقىلىق ئالاقە ئورناتقان، ھازىر شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە قولايلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى

  قەدىمكى يىپەك يولىدا شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەتنى ياراتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قىزىل مىڭئۆيى نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، مىڭئۆيدىكى گۈزەل تام رەسىملىرى كىشىلەرگە بۇ زېمىندىكى رەڭدار مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە، يەرلىك ئاھالىلەر راۋاب، داپ قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىنى چېلىپ، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە قىزغىن ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى.

  چالغۇ ياساش سەنئەتكارى نۇردۇن ئىسمائىل ساز چېلىپ بولغاندىن كېيىن، مېكسىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئېكتور دوربېكىر ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي چالغۇسى بولغان دۇتتاردىن بىرنى سېتىۋالدى. ئېكتور دوربېكىر: «مەن ئۇنى ئاكامغا سوۋغا قىلىمەن، ئۇ بىر مۇزىكا ھەۋەسكارى، مەن ئۇنىڭ شىنجاڭ چالغۇلىرىنى چېلىشىنى بەك ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

  بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقاتتى» دېگەن يالغان ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا، ئىجاز ئەھمەد مۇنداق دېدى: كۆز بىلەن كۆرگىنىمىز راست، مەن شىنجاڭدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغانلىقىنى كۆردۈم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ