مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر جاي

2023.06.29 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2023-يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ تۈر باشلانغان ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر تاللانغان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) بولۇپ قالدى.

  ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ 500 مىليون يۈەن مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت مالىيەسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر 500 مىليون يۈەن غەملەپ يۈرۈشتۈرۈدۇ.

  ئۈچ يىلدا جەمئىي 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ۋىلايەتنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدۇ.

  ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدە، تەرتىپلىك داۋالىنىش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش»، سەنمىڭ شەھىرىدىن ئۆگىنىپ «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورىنى ماسلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى «بەش چوڭ پىلان»دىن ئىبارەت ئۈچ يولنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك بىر مەركىزىي دوختۇرخانا قۇرۇپ، 13 كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات ئىشخانىسى بەرپا قىلىنىدۇ؛ «جەنۇبىي شىنجاڭ بىرلەشمىسى»نى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ، كېلىشىم باھانى تولۇقلىما قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، مەركەزلىك، مىقدارلىق سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 2025-يىلىغا بارغاندا، مىقدارلىق سېتىۋېلىنغان مەھسۇلات 650 تىن تۆۋەن بولمايدۇ؛ رەقەملىك ئاقسۇ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ، پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش قاتارلىق مەركەزلەرنى قۇرۇپ، بىر كودلۇق ساغلاملىق مۇلازىمىتى، بىر ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى، بىر تور ماس يۈرۈشۈش، بىر گەۋدە ماس نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىر كۇنۇپكا بىلەن پۈتۈن مۇساپىلىك جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋالاش ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈر خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر تۈر، بىر كوللېكتىپ، بىر يۈرۈش لايىھە، ئاخىرغىچە تۇتۇش پىرىنسىپى بويىچە، بىر ناھىيەدە بىر تەدبىر بولۇش، بىر دوختۇرخانىدا بىر تەدبىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ شىنجاڭ تەجرىبىسىنى ئۈنۈملۈك نامايان قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ