5-ئايدا شىنجاڭدا يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى
2023.06.28 15:27 مەنبە: خەلق تورى
مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان پۇل مۇئامىلىنىڭ ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ياردىمى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 5- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تارقاتقان قەرز پۇلىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %4.38 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە يەنىمۇ تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، مىكرو قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %5.02 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.35 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، تارىختىكى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ