مۇھىم خەۋەرلەر

2022-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ زەھەر دېلوسىدىن 1377 نى پاش قىلدى

2023.06.28 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ زەھەر دېلوسىدىن 1377 نى پاش قىلىپ، 297.55 كىلوگرام ھەر خىل زەھەرنى قولغا چۈشۈردى. ليۇ يىدۇڭ فوتوسى

  جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى ( تاۋ شۈەنكې، ليۇ يىدۇڭ ) 26-چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئاچقان ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ زەھەر دېلوسىدىن 1377 نى پاش قىلىپ، 297.55 كىلوگرام تۈرلۈك زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن، ئاممىنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى %99.09 كە يەتكەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

  شىنجاڭ زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ج خ نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى داۋ باتېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ج خ، تۆمۈريول، تاموژنا، ئايرودۇرۇم، پوچتا قاتارلىق تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يوچۇقسىز زەھەر تەكشۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زەھەرنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇپ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «2022 يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە زەھەر دېلوسىدىن 1377 دىن ئارتۇق پاش قىلىنىپ، ھەر خىل زەھەردىن 297.55 كىلوگىرام قولغا چۈشۈرۈلدى، زەھەرگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم قېچىپ يۈرگەنلەر تۇتۇلدى».

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىن ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى %99.09 كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، خەلقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇلازىمەت قىلغان.

  داۋ باتېر مۇنداق دېدى: ج خ ئورگانلىرى زەھەر ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، زەھەر تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى توسۇشنى يادرو قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ