شىنجاڭ، شياڭگاڭ ئىككى جايدىكى يولۇچىلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىنىڭ ئىقتىساد-سودا، ساياھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچتى.
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقارا ئايرودۇرۇمدا توختايدىغان جەنۇب ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانى. چې جيې فوتوسى
بۇ قېتىم ئېچىلغان ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر پەيشەنبە، يەكشەنبە كۈنى ئۇچۇشنى پىلان قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بىلەن گۇااڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇقى رايونىنىڭ زىچ ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت-ساياھەت ئالاقىسىگە بوشلۇق كۆۋرۈكى سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭلىق يولۇچىلارنى «گۈزەل شىنجاڭ» دىن بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئېچىشنى پىلانلىغان، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى بىۋاستە شياڭگاڭغا ئۇچىدىغان قەرەللىك يولۇچى توشۇش لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى، ھەر چارشەنبە كۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلان بىر قېتىم بېرىپ-كېلىپ قاتنايدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان قەرەللىك يولۇچى توشۇش لىنىيەسى
5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئۇچىدىغان UQ2637 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى ( ماتېرىيال سۈرەت ). مۇخبىر لى كەي فوتوسى
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
بېرىش مۇساپىسىدە:
UQ2637 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 10:15 دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:35 دە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ؛
قايتىش مۇساپىسىدە:
UQ2638 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16:35 دە شياڭگاڭ خەلقارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:20 دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى