مۇھىم خەۋەرلەر

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت (يېزىقچە) ئىمتىھانى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىنىدۇ

2023.06.27 00:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت (يېزىقچە) ئىمتىھانى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىنىدۇ. ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:

  1. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى

  تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئېچىۋېتىش ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ھەر بىر يانفون نومۇرىنى پەقەت بىر قېتىملا رويخەتكە ئالدۇرغىلى بولىدۇ، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دەلىللەش كېرەك؛

  تىزىملىتىش ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10:00 دىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 20:00 گىچە؛

  ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 24:00 كىچە؛

  ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە؛

  ئىمتىھان ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 16-كۈنى؛

  يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىت: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى

  2. تىزىملىتىش تەلىپى

  يېزىقچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى تورى» (https://ntce.neea.edu.cn/) غا چىقىپ توردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتى، تىزىملىتىش تەرتىپى، (يېزىقچە ئىمتىھان) پەن كودى جەدۋىلى قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلارنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (http://www.xjzk.gov.cn)نىڭ باش بېتىگە تىزىملىتىپ، «ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى» مەخسۇس ئىستونىنى چېكىپ تەكشۈرۈش كېرەك. تىزىملىتىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تىزىملىتىش سىستېمىسى تاقىلىدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا تىزىمغا ئېلىنمايدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى يېزىقچە ئىمتىھانىدىن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى توغرىسىدىكى جاۋاب ئالاقىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يېزىقچە ئىمتىھان ھەققى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەربىر پەن 55 يۈەن بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى تور سىستېمىسى كۆرسەتمىسى بويىچە ۋاقتىدا تىزىملىتىپ ھەق تاپشۇرۇشنى تاماملىشى كېرەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە (يەنى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 24 تىن بۇرۇن) ھەق تاپشۇرۇشنى تاماملىمىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملىتىش سىستېمىسى ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كەچتى دەپ قارايدۇ ھەمدە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ قېتىملىق ئىمتىھان ئۇچۇرىنى ئاپتوماتىك ئۆچۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ