مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەر قايسى تۈركۈمدىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىشنى تىزگىنلەش نومۇر چېكى بېكىتىلدى

2023.06.27 00:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەرقايسى تۈركۈمدىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىشنى تىزگىنلەش نومۇر چېكىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ ھازىر رەسمىي ئېلان قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئەسكەرتىدۇكى، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دە ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرۇش سىستېمىسى ئېچىلدى. تولۇق كۇرسقا مۇددەتتىن بۇرۇن توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 18 گىچە بولىدۇ، باشقا تۈركۈمدىكى ئارزۇلارنى تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 18 گىچە بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئارزۇنى ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە تولدۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى يېقىندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى ۋە ھەرقايسى تۈركۈمدىكى پىلان ئورۇندالمىغان ئارزۇلارنى توپلاش ۋاقتىنى ئېلان قىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (تور ئادرېسى www.xjzk.gov.cn)، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» (新疆招生) ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سۈرئىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلغايسىلەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ