مۇھىم خەۋەرلەر

2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكى بېكىتىلدى

2023.06.26 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكى بېكىتىلدى، ھازىر تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:

  بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكى مەخسۇس پىلان تۈركۈمى بويىچە110 نومۇر، ئادەتتىكى تۈركۈم بويىچە 130 نومۇر قىلىپ بېكىتىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئارخىپ چىقىرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، 30-چېسلا ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ. مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تەڭ دەرىجىلىك ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ. ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئوخشاش بولغاندا، ئومۇمىي نەتىجىسى ئوخشاش بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئەدەبىيات» پەن نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە رەتكە تىزىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

  قوبۇل قىلىش نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ( www.xjzk.gov.cn ) دا ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» غا چىقىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت زالىدا سەھىپىدىن «قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش»نى تاللاپ، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ مەخسۇس كۇرسىدىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش» سىستېمىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرى ۋە تىزىملىتىش مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ