مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2023.05.31 01:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 2023-يىللىق 1-تۈركۈمدىكى مەركەز خامچوتى ئىچىدە 214 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  بۇ تۈركۈمدىكى مەبلەغ ئاساسلىقى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قۇمۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەتتىكى 28 ناھىيە، شەھەردە بىر تۈركۈم يېزا ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئۇل ئەسلىھەسى، كەسىپ تەرەققىياتى يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق 65 مىليون 300 مىڭ يۈەن ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تارقىتىلىپ، شۇ جايدىكى يېزا ئاممىسىدىن 3637 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلغاندا، قۇتقۇزۇلغانلار قۇرۇلۇشقا قاتنىشىپ ھەققە ئېرىشىپ، بىۋاسىتە قۇتقۇزۇشنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بىر تۈرلۈك يۆلەش سىياسىتىنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشنى يولغا قويۇش چارىسى ۋە ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى قاتارلىق سىياسەت-ھۆججەتلەرنى تارقاتتى. 2022-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەمئىي 1 مىليارد 413 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش تۈرىدىن 298 نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 260 مىليون يۈەن ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تارقىتىپ، 32 مىڭ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.

  ئەمدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار رايونلارنىڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇش، قۇرۇلۇش سۈپىتى، ئىشلەمچىلەرنى تەشكىللەش، ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققىنى تارقىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشىغا ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇشنىڭ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ