ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك

2023.05.26 00:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە بېرىپ، ئۇيغۇر ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ يوقلىدى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مۇقىم، ئىناق بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  قەشقەردە، ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ئۆستەڭبويى كوچىسى ساقچىخانىسى، ھېيتگاھ مەسچىتى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانات يايدۇرۇش، دىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىق، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئۈرۈمچىدە، ۋاڭ خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، شىنجاڭ داشۆ ۋە ئالاقىدار كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاقتىن بۇيان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ شانلىق تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان، توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەربىر كىشىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، نامراتلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر. قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىجىل مۇقىم بولۇش، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ يەنە ئۈرۈمچىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى يوقلىدى. ما شىڭرۇي، شى تەيفېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ