خەن جېڭ گوللاندىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى خوكسترا بىلەن كۆرۈشتى

2023.05.26 00:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا گوللاندىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى خوكسترا بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلاشقان ھەمراھلاردىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئىقتىسادتا بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى تەرەپ سودىسىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنى قوللىغۇچىلار، قاتناشقۇچىلار، مەنپەئەتلەنگۈچىلەر، ئىككى دۆلەت مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  خوكسترا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، ھەمكارلىق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەر كىشىنى قايىل قىلىدۇ ۋە روھلاندۇرىدۇ. گوللاندىيە جۇڭگو بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ