شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

2023.05.25 09:00 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سۆز - ئىبارىلەردىن مەن سىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى ۋە ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش قىزغىنلىقىڭلار ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلارنى ھېس قىلدىم. سىلەر تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان «ئاۋمېن ئىلىم - پەن 1 - نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم، كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋمېن ئىچكىرىدىكى رايونلار بىلەن ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيا بويىچە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش − ئاۋمېندىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئاۋمېندىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى. سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىل 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «ئاۋمېن ئىلىم - پەن 1 - نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سۆز - ئىبارىلەردىن مەن سىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى ۋە ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش قىزغىنلىقىڭلار ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلارنى ھېس قىلدىم. سىلەر تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان «ئاۋمېن ئىلىم - پەن 1 - نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم، كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋمېن ئىچكىرىدىكى رايونلار بىلەن ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيا بويىچە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئاۋمېندىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئاۋمېندىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى. سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلەشكەن تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «ئاۋمېن ئىلىم - پەن 1 - نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئىچكىرى رايونلار بىلەن ئاۋمېن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى ئالەم بوشلۇقى ئىلىم - پەن سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئاساسلىقى يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ 18 ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ۋەكىلى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىك خۇش خەۋىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە قاتنىشىش تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، ۋەتەننىڭ پەن تەتقىقات قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ