ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2023.05.25 10:50 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى خەۋىرى (مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر): ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 22-چېسلادىن 24-چېسلاغىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تۇرغۇزۇش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ »نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يىڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ مۇقىم ۋە ئىناق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەردە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ھېيىتگاھ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىدى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ۋاڭ خۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، شىنجاڭ داشۆسى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاقتىن بۇيان ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ شانلىق تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، توغرا جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەر بىر ئادەمگە، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل، مۇقىم، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مىللەت، دىن خىزمىتىنى قەتىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى،جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىڭتۈەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ يەنە ئۈرۈمچىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى يوقلىدى.

  ما شىڭرۇي، شى تەيفېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ