شى جىنپىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى 2 - نۆۋەتلىك ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.05.25 08:57 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى 2 - نۆۋەتلىك ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش تارىخى ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى. ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى دۇنيادىكى نوپۇس ئەڭ كۆپ، دۆلەت ئەڭ كۆپ، مەدەنىيلىكى ئەڭ كۆپ خىللىققا ئىگە رايون. داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيا ئالدىدا، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق يولىدا قانداق مېڭىش كېرەك؟ بۇ، رايوندىكى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇشۇنداق دەۋر سوئالى، تارىخ سوئالىغا نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ بەرگەن جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىز بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى قۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا چاقىرىق قىلدىم. بۇ يىل، مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. بۇ تەشەببۇسنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، يىراقتىكى تۇغقانلار، يېقىندىكى قوشنىلار بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغان، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان «بەخت يولى»نى ئېچىشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا - ياۋروپا رايونىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئاسىيا - ياۋروپا رايونىغىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، جۇڭگو تەرەپ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى خالايدۇ.

  ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى 2 - نۆۋەتلىك ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى رۇسىيە موسكۋادا تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى ياۋروپا - ئاسىيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى»دىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ